‫ئۆز ماقالىسىنى ژۇرنالغا سۇنماقچى بولغان ئادەم ماقالىسىنى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى كېرەك:

_ ماقالىنىڭ باشقا بىر ژۇرنالغا سۇنۇلمىغانلىقىغا كاپالەت قىلالمىسا، ژۇرنىلىمىزنىڭ تەھرىرىگە چۈشەنچە بېرىشى كېرەك.

_ ماقالىدە باشقا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان سۈرەتلەر، گىرافلار، ياكى ئۇزۇن نەقىللەر بېرىلسە، ئۇلاردىن پايدىلىنىشقا رۇخسەت ئالغانلىقىغا كاپالەت قىلىشى لازىم. ئەقلىي ھوقۇقدارنىڭ رۇخسەتنامىسىنى تەھرىرلىرىمىزگە تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

_ ئازراق قوللىنىلىدىغان تىللاردا (يەنى قازاق، قىرغىز، موڭغول، تەلەئۇت، ئۆزبېك، ئۇيغۇر، قاتارلىق تىللىرىدا) يېزىلغان ماقالىلەرگە كۆپرەك قوللىنىلغان تەتقىقات تىلىدا (مەسىلەن ئىنگلىز، نېمىس، رۇس تىللىرىدا) يېزىلغان قىسقىچە مەزمۇن قوشۇپ بېرىشى كېرەك. كۆپرەك قوللىنىلغان تەتقىقات تىللىرىدا يېزىلغان ماقالىلەرگە ئازراق قوللىنىلىدىغان بىرەر تىلدا يېزىلغان قىسقىچە مەزمۇن قوشۇلسۇن.

 

لايىھىلەش ۋە ئىستىلىستىكا شەرتلىرى

‪_ ماقالىنىڭ ۋىرۇسسىز، ئېلخەتكە قوشۇلغان بىر ئېلنۇسخىسى؛ مىكروسوفت ۋىرد ‪(.doc)، ۋىردپىرفىكت ‪(.wpd)، ۋە رىچ تەكست ‪(.rtf) فورماتلىرى بولىدۇ‪.

‫_ ماقالىنى تونۇشتۇرىدىغان بەتتە، يازغۇچىنىڭ ئىسمى، ئېلخەت ئادرېسى، ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالى بېرىلسۇن.

_ 250 سۆزدىن ئاشمىغان قىسقىچە مەزمۇن بېرىلسۇن‪.

‪_ ماقالىنىڭ ئومۇمىي ھەجمى‫ 3000-٦000غىچە سۆز ئارىلىقىدا بولسۇن.

_ ماقالىنى ئىزدەپ تېپىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ٥-١٠غىچە ئاچقۇچلۇق سۆز بېرىلسۇن.

_ سۈرەت ۋە گىرافلار تېكىست ئاخىرىغا ئەمەس، بەلكى تېكىست ئىچىدىكى ئۆز ئورۇنلىرىغا قويۇلسۇن.

_ ماقالىنىڭ فورماتى ۋە پايدىلانغان ماتېرىياللار تىزىملىكى Chicago ئۆلچىمىگە توشسۇن.